ئارگېنتىنادا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئارگېنتىنانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە پىرېزىدېنت ئالبېرتو فېرناندېز ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار پايتەخت بۇئېنۇس ئايرېسنىڭ مەركىزىدىكى ئوبېلىسكو خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، «ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ئاساسىي قانۇن» تېمىسى بىلەن يىغىلىپ، ئارگېنتىنا بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا «باندېرازو» ناملىق نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار لوزۇنكا كۆتۈرۈپ، ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى. ئاپتوموبىللىرى بىلەن نامايىشقا قاتناشقانلار ئايرېسنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدا ئاپتوموبىل ياڭراتقۇلىرى چىلىپ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋالماقچى بولغان كوۋىد-19 ۋاكسىناسىغا قارشى شۇنداقلا «سابىق پىرېزىدېنت ۋە ھازىرقى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كىرىستىنا فېرناندېز دې كىرچنېرنىڭ چىرىكلىك دېلولىرىدىن قۇتۇلۇشىغا يول ئاچقان» دەپ قارىلىۋاتقان ئەدلىيە ئىسلاھىتىغا قارشى نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى.
نامايىش بۇئېنۇس ئايرېستىن باشقا يەنە، كوردوبا روسارىئو، مار دېل پلاتا، مېندوزا ۋە سان كارلوس دې بارىلوچى شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.