فىرانسىيە: بىز ئىسلام دىنىغا ھۆرمەت قىلىمىز

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لې درىئان، «دۆلىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

1524234
فىرانسىيە: بىز ئىسلام دىنىغا ھۆرمەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسىدا فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى باشلانغاندىن كېيىن مىسىرغا بارغان ژان يىۋېس لې درىئان، پايتەخت قاھىرەدە مەنسەپدىشى سەمىھ شۇكرى بىلەن كۆرۈشتى.

لې درىئان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «پارىژ ئىسلام دىنىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنى فىرانسىيەنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ. بىزنىڭ كۈرەش قىلىۋاتقىنىمىز رادىكاللىق ۋە تېرورلۇقتۇر» دېدى.

لې درىئان ئۇچرىشىشتا، لىۋىيە كىرىزىسى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ، فىرانسىيە بىلەن مىسىرنىڭ، ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ لىۋىيەدىن چىقىرىۋېتىلىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قورال ئېمبارگوسىغا رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەمىھ شۇكرى يىغىندا، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئادىل ۋە ئۈزۈل - كېسىل تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر