كانادادا بىر ھۇجۇمچى 2 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 5 كىشىنى يارىلاندۇردى
كانادانىڭ كۇبېك شەھىرىدە ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە كېيىم كىيىۋالغان بىر ھۇجۇمچى 2 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 5 كىشىنى يارىلاندۇردى.
1519517
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا ساقچىلىرى ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
20 ياش ئەتراپىدىكى بىر گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئەمما ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ساقچىلار پۇقرالارنى ئۆيدىن چىقماسلىققا چاقىردى.