دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەدىن ھال سورىدى

كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئىزمىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ۋە ئىزمىر ئاھالىسىدىن ھال سورىدى.

1519230
دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەدىن ھال سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئىزمىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يوللىغان تەزىيە تېلېگراممىسىدا، تۈركىيە ۋە ئىزمىر ئاھالىسىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى نامىدىن، بۇ مۇسىبەت مۇناسىۋىتى بىلەن، سىزگە ۋە قېرىنداش تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن. جانابىي ئاللاھتىن دەرد – ئەلەملىك ئائىلىلەر ئۈچۈن سەۋر – تاقەت، يارىلانغانلار ئۈچۈن شىپالىق تىلەيمەن.»

 شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن، تاتار ئىزمىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفون قىلىپ، ھال سورىدى.

ئەرسىن تاتار قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەر دائىمقىدەك ئانادولۇدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئەلىيېۋ، ئىزمىردە يەر تەۋرىگەنلىكىدىن قايغۇرغانلىقىنى، قېرىنداش دۆلەت تۈركىيە ۋە ئىزمىر ئاھالىسىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى ئىپاىلىدى.

 گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىس، يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ھال سورىدى. ئىككى رەھبەر بىر-بىرىگە سەۋر تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زۆرۈر تېپىلغاندا گىرېتسىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوۋ، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىنلا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتايغا تېلېفون قىلىپ، «ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى» بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن، ئەگە دېڭىزى ۋە گىرېتسىيە ئاراللىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە ۋە گىرېتسىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە بۇ قورقۇنچلىق ئىمتىھاندىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە خەلقلىرىنىڭ يېنىدا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، فىرانسىيە رايونغا ياردەملىرىنى تېزلىكتە يەتكۈزىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئەگە دېڭىزىدا گىرېتسىيە ۋە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋەقەسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى ياردەم قىلىشقا تەييار.»

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى ۋە بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسسوۋ بايانات ئېلان قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.  

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسسەرراجمۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ھال سورىدى ھەم تەزىيە بىلدۈردى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاكىستان خەلقىنىڭ تۈرك قېرىنداشلىرى بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى، دۇئالىرى بىلەن تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، بايانات ئېلان قىلىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى دوكتور تېدروس ئادانوم گېبرېيۇسمۇ، ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئېھتىياج ساھىبلىرىنى جىددىي تېببىي لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن، ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەيمىز.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دائىرىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇچۇر - ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقلىرىنى، ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بىر ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى تۈركىيەگە ئەۋەتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە يوليورۇق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەگە دېڭىزىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ۋە گىرېتسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبراين، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىزمىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، دۇئالىرىمىز تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە خەلقلىرى بىلەن بىللە. ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىختىلاپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئېھتىياج چۈشكەن ۋاقىتتا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋالدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ  تېگىشلىك ياردەم بېرىشكە تەيياردۇر.»

چىلى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاندرېس ئاللاماند، ئىزدەش- قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسېلو ئېبرارمۇ،  تۈركىيە بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئىچىدە ھەم ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن، «مېنىڭ دۇئالىرىم، تۈركىيە ۋە گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ۋە يارىدارلار بىلەن بىللە» دېدى.

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىزنىڭ قەلبىمىز تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە خەلقلىرى بىلەن بىللە، ئەگەر بىز ياردەم قىلالايدىغان بىر ئىش بولسا، تەييارمىز» دېدى.

كوسوۋو پىرېزىدېنتى ھاشىم تاچى، كوسوۋونىڭ بۇ قىيىن پەيتتە تۈركىيە خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئالبانىيە پىرېزىدېنتى ئىلېر مېتا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: مۇنداق دېدى: «بىز يېقىن – يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ۋە بۇ قىيىن پەيتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ يېنىدا تۇرىمىز. ئالبانىيە بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن دوست دۆلەتلەرنىڭ يېنىدا.»

 بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ رەئىسى سېفىك دزافېروۋىچ، مۇنداق دېدى: «بىز باتۇر ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى ساداقەتمەنلىك خىزمەتلىرى تۈپەيلى تەبرىكلەيمىز، دۇئالىرىمىز تۈرك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە.»

كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىچ، زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى. فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يىۋېس لې درىئان، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىز گىرېتسىيە ۋە تۈركىيە خەلقلىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئىچىدىمىز، بىز ھەمىشە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرىمىز ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە، سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا تەييارمىز.»

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، يەر تەۋرەشتىن قايغۇرغانلىقلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئوي – پىكىرلىرىمىز تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىللە، ھايات قالغانلارنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياردەم بېرىشكە تەييار.»

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب، ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھال سورىدى.

 مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولو، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قەلبىمىز ۋە ئوي – پىكىرلىرىمىز ھەمىشە تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە خەلقلىرى بىلەن بىللە.  يېقىن – يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

شىۋېيتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەن لىندې، يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلىك خەۋەرلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالاپەتكە ئۇچرىغان تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە پۇقرالىرىدىن ھال سورىدى.

ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇرمان رېينسالۇ، يەۋ تەۋرەشتە  ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن - يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

گىرۇزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋىت زالكاليان، ھەمىشە تۈركىيە خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، ئىزمىردىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ، بۇلغارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېكاتېرىنا زاھارىيېۋا، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېف بىلوك، كىرودىيە تاشقى ئىشلار ۋە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى گوردون گىرىك رادمان، كوسوۋو تاشقى ئىشلار ۋە دىئاسپورا مىنىستىرى مېلىزا ھارادىناج-ستۇبلې، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، فىنلاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى پېككا ھاۋىستو، گرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىت زالكالىيانى، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانسۇا-فىلىپپ شامپاگېن، ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئارانچا گونزالېز لايا، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان، سېررالېئون تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى نابېلا تۇنىس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇغا تېلېفون قىلىپ، ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنلىرىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ئىسرائىلىيە، پاكىستان، ئەنگىلىيە، ئاۋىستىرالىيە، دانىيە ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىلىرىمۇ، بايانات ئېلان قىلىپ، ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار  ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە تۈنۈگۈن 6.6 بال يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، 25 ئادەم قازا قىلغانىدى.

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، ئەنقەرە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، «ئەگە دېڭىزى» دا، ئىزمىرىنىڭ سەفەرىھىسار  ناھىيەسىنىڭ 17 كىلومېتىر يىراقلىقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە، 16.54 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر