پارىژلىقلار كارانتىن ھارپىسىدا شەھەرنى تەرك ئەتتى

فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ۋە كارانتىن تەدبىرلىرى ھارپىسىدا پارىژلىقلار شەھەرنى تەرك ئەتتى.

1518826
پارىژلىقلار كارانتىن ھارپىسىدا شەھەرنى تەرك ئەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىڭلارچە پارىژلىق تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردىن ئېتىبارەن شەھەردىن ئايرىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېللې دې فرانس رايونىدا 700 كىلومېتىرلىق يولدا ئاپتوموبىللار قىستا – قىاستاڭچىلىققا سەۋەب بولدى.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆپلىگەن پارىژلىقلار كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى - كارانتىن تەدبىرلىرى مەزگىلىنى شەھەر ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قورۇ - جايلىرىنى تەرك ئەتكەن.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇدا 4 ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر