فىرانسىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

فىرانسىيەنىڭ نىس شەھىرىدىكى بىر چېركاۋغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1518043
فىرانسىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىس شەھەر باشلىقى كرىستىيان ئېستروسىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، «نوترې دام چېركاۋى» غا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان كىشى قولغا ئېلىنغان. بۇ ۋەقەگە «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ قارالغان.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ۋەقەنى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر