ترامپ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن  ئەپسۇسلاندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى كۆرۈشنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1517375
ترامپ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن  ئەپسۇسلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ مىچىگان ئىشتاتىدا ئۆتكۈزىدىغان يىغىلىش ئۈچۈن ئايروپىلانىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بىر مۇخبىرنىڭ «ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندىڭىزمۇ؟» دېگەن سۇئالىغا ترامپ: «ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ياخشى چۈشىنىشەلمەيۋاتىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان بۇ مەسىلە بىلەن ھەپىلىشىۋاتىمىز. شۇنداق، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى كۆرۈش ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش» دېدى.

دونالد ترامپ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزئارا چۈشىنىشمەسلىك بولغان دۆلەتلەردە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇلار يەنە قايتا بىر يەرگە جەم بولىدۇ» دېدى.

ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېۋ تۈنۈگۈن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرمېنىيەنىڭ پۇقرالارغا ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەن مىسكەت بومبىلىق سمېرچ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قارايۇسۇفلۇ شەھىرىدىكى پۇقرالارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھاجىيېۋ ھۇجۇمدا 4 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 13 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ كېلىشكەنلىكىنى جاكارلىغان تاغلىق قاراباغدا ۋاقىتلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، 26 – ئۆكتەبىر شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 08:00 دە كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر