ب د ت تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر پېدېرسېن تۈركىيە بىلەن روسىيەنى سۈرىيەدە ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى.

1517407
ب د ت تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە دوكلات سۇنغان پېدېرسېن، ئىدلىبتا ئاساسىي قانۇن كومىتېتىدا ۋەكىلى بار ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە لاگېرىغا ئالدىنقى كۈنى قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن سۈركىلىشنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ دىنامىكىلار، تۈركىيە – رۇسىيە ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە روياپقا چىقىرىلغان، ھەمدە ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان توختاپ قېلىشى بىلەن خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان نادىر  تىنچلىقنى بۇزۇشى مۇمكىن. شۇڭا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنى، ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر