ئىران فىرانسىيەنىڭ تېھراندىكى ۋاكالەتچىلىرىنى چاقىرتىپ، ماكروننىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىنى ئەيىبلىدى

ئىران فىرانسىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.

1516609
ئىران فىرانسىيەنىڭ تېھراندىكى ۋاكالەتچىلىرىنى چاقىرتىپ، ماكروننىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون قاتارلىق بەزى فىرانسىيە مەسئۇللىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەجۋىي رەسىملەرنى ئاقلىغانلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى باياناتلارنى بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن فىرانسىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.

فرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى ھەجۋى رەسىملەرنىڭ نەشر قىلىشىنى ئاقلاشتا تەرسالىق قىلغانلىقى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ دۇنيادىكى ۋە ياۋروپادىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىگە ئازار بەرگەن  قەدەملىرىنى ئەيىبلىگەنلىكى ۋە فرانسىيەنىڭ ۋاكالەتچىسى فىلورېنت ئايدالوتقا «فىرانسىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى يەتكۈزگەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر