ئىمران خان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كارىدورىدىن ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ نەپ ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ھىندىستاننىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1516668
ئىمران خان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كارىدورىدىن ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ نەپ ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش مىنىستىر ئىمران خان پاكىستان-ئافغانىستان سودا ۋە سېلىنما مۇنبىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ، دۆلىتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدىكى رولىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئىمران خان ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا كىمنىڭ كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، پاكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئىتتىپاقلىققا، ئۆز-ئارا سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىگە باغلىق  ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدىن نەپ ئالالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىمران خان، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا  - سانائەت مەركىزىگە ئايلىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىمران خان يەنە، ھىندىستاننىڭ ئافغانىستان زېمىنىنى ئىشلىتىپ پاكىستاننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە  كەشمىر مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بۇ مەسىلە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ھەل قىلىنغانغا قەدەر ھەر قايسى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە پاكىستاننىڭ مەسىلىنى كۈنتەرتىپتە تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر