پاكىستاندا مەدرىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پەھتۇنخۋا ئۆلكىسىدىكى بىر مەدرىسىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 7 ئوقۇغۇچى قازا قىلدى.

1516771
پاكىستاندا مەدرىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەيبەر پەھتۇنخۋا ئۆلكىسىنىڭ پېشاۋېر رايونىدا بىر مەدرىسىدە قۇرئان كەرىم دەرسى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 7 ئوقۇغۇچى جېنىدىن ئايرىلغان.

كومىسسار مەنسۇر ئاماننىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، ۋەقەدە 5 كىلوگىرام قولدا ياسالغان پارتىلاتقۇچ ئىشلىتىلگەن. پارتلاشتا كەم دېگەندە 7 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 كىشى يارىلانغان. پارتلاشتىن كېيىن نەق مەيدانغا كۆپ ساندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر