ماكروننىڭ قىلمىشىغا فىرانسىيە سىياسەتچىلىرىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى

فىرانسىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنت نامزاتى، رادىكال سولچىل ھەرىكەت «بويۇن ئەگمەس فىرانسىيە» ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ژان لۇك مېلېنچون ئەمدىلىكتە دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1516649
ماكروننىڭ قىلمىشىغا فىرانسىيە سىياسەتچىلىرىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى

 

فىرانسىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنت نامزاتى، رادىكال سولچىل ھەرىكەت «بويۇن ئەگمەس فىرانسىيە» ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ژان لۇك مېلېنچون جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇنازىرىسىدە، دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېلېنچون فرانسىيە «ئىنتېر» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننى كۆپ قېتىم قوللىغانلىقىنى، لېكىن ئەمدىلىكتە قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئىشىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە زىتلىشىۋاتقان تۈركىيە بىلەن نېمە ئۈچۈن  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مېلېنچون: «ماكرون ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي قولدىن بېرىپ قويدى» دېدى.

رادىكال سولچى رەھبەر مېلېنچون: «پىرېزىدېنت ئەمدىلىكتە قوللاشنى تېلەپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئىستراتېگىيەسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاشقىنى ياخشى. فرانسىيە مەسخىرىگە ئايلاندى. (ماكرون) تىۋىتتېر ئويناشتىن باشقا نېمە قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ؟» دېدى.

فرانسىيەدە 16 - ئۆكتەبىردە ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىنغان ھەجۋى رەسىملەرنى دەرستە ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كاللىسى كېسىلىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،  ماكرون ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەجۋى رەسىملەرنى بىنالارنىڭ تېمىغا ئەكىس ئەتتۈرۈش قارارى  ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە بۇ ئىش ئىسلام دۇنياسىدا قاتتىق نارازىلىق ۋە نامايىشلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

قاتار، كۇۋەيت، پاكىستان، ئالجىرىيە، سۇدان، پەلەستىن ۋە ماراكەش قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە فرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش سەپەرۋەرلىكى باشلانغان ئىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تۈنۈگۈن، «فىرانسىيە قانداقسىگە <تۈركىيە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماڭلار> دېگەن بولسا،  مەنمۇ ھازىر بۇ يەردىن مىللىتىمگە دەيمەنكى، فىرانسىيە ماركىسىغا ھەرگىز قاراپمۇ قويماڭلار! ماللىرىنى ھەرگىز سېتىۋالماڭلار» دېيىش ئارقىلىق بايقۇت چاقرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر