ب د ت لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى تور يىغىنى چاقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيە كىرىزىسىگە چارە تېپىش ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە تۇنجى قېتىملىق «لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى تور يىغىنى» چاقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1516768
ب د ت لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى تور يىغىنى چاقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، لىۋىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 75 كىشى قاتناشقان يىغىنننىڭ ئاساسلىق نىشانى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مىللىي سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قاراشلاردا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفانې ۋىلىيامىس رىياسەتچىلىك قىلغان تور يىغىنىدا، ئىشتىراكچىلار، مۇنبەر جەريانى توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋىلىيامىس، يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا مۇنداق دېگەن: «لىۋىيە خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، يىغىنغا كىمنىڭ قاشناشقانلىقى ئەمەس، ئەكسىچە، دىيالوگنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالىي مىللىي مەنپەئەتلەرنىڭ بارلىق ئېتىبالاردىنمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى مۇھىمدۇر.»

ئىگىلىنىشىچە، تەييارلىق ئۇچرىشىشى بولغان تور يىغىنىدىن كېيىن، 9-نويابىردىن باشلاپ، تۇنىستا «لىۋىيە سىياسى دىئالوگ مۇنبىرى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر