داۋۇد شىھاب: تۈركىيە مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىك  ۋىجدانى

پەلەستىن ئىسلام جىھاد ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى داۋۇد شىھاب، تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىك  ۋىجدانى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1516061
داۋۇد شىھاب: تۈركىيە مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىك  ۋىجدانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلام جىھاد ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى داۋۇد شىھاب: «تۈركىيە غەرب ئىرقچىلىقى بىلەن يۈزلىشىشتە، ئىسلام دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىۋەتىدۇ ۋە تۈركىيە مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىك ۋىجدانى» دېدى.

داۋۇد شىھاب ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە ىپرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون توغرىسىدىكى باياناتىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىئارام بولغانلىقىغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

داۋۇد شىھاب پىكىر ۋە بايان ئەركىنلىكى بىلەن ماختىنىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ ئىتتىپاقنىڭ قوش ئۆلچىمىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە غەرب ئىرقچىلىقى بىلەن يۈزلىشىشتە، ئىسلام دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتىدۇ ۋە تۈركىيە مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىك ۋىجدانىدۇر» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەردوغاننىڭ ماكرون توغرىسىدىكى باياناتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

فىرانسىيەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ نەشر قىلىنىشى ۋە پىرېزىدېنت ماكروننىڭ بۇلارنى نەشر قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلىشى قاتتىق نارازىلىق قوزىغان ئىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ ماكروننىڭ سۆزىلىرىگە قارىتا، «دۆلىتىدىكى مىليونلىغان ھەر خىل ئېتىقادتىكى كىشىلەرگە بۇنداق پوزىتسىيە تۇتىدىغان دۆلەت رەھبىرىگە نېمە دېيىلىشى كېرەك؟ ئالدى بىلەن ئەقلىي نورماللىقىنى تەكشۈرۈتۈپ باقسۇن» دېيىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئېلىسې سارىيى (فىرانسىيە پىرىزېدېنتلىق سارىيى) ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ماكرون ھەققىدىكى بايانلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن  ۋە فىرانسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھېرۋې ماگرونى مەسلىھەت ئۈچۈن دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا، پەلەستىن، كۇۋەيت، پاكىستان، لىۋان، قاتار ۋە لىۋىيە قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا ماكرونغا ۋە فىرانسىيەگە بولغان نارازىلىقلار داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر