ئامېرىكادا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن 56 مىليوندىن ئارتۇق كىشى مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلاپ بولدى

ئامېرىكادا 3 – نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئىشتاتلاردا مۇددەتتىن ئىلگىرى بېلەت تاشلاش باشلاندى ۋە ھازىرغا قەدەر 56 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بېلەت تاشلاپ بولدى.

1515438
ئامېرىكادا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن 56 مىليوندىن ئارتۇق كىشى مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلاپ بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مۇددەتتىن ئىلگىرى بېلەت تاشلاش ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغان ئىنتىرنېت تورى «ئامېرىكا سايلام لايىھەسى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پوچتا ۋە ساندۇق ئارقىلىق 56 مىليون 567 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بېلەت تاشلاپ بولغان.

پوچتا ئارقىلىق تاشلانغان بېلەت سانى 38 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، تەخمىنەن 17 مىليون كىشى سايلام مەركەزلىرىدە بېلەتلىرىنى بىر- بىرلەپ تاشلاشنى تاللىغان.

نىيۇ يورك ئىشتاتىدا مۇددەتتىن ئىلگىرى بېلەت تاشلاش بۈگۈن باشلىغان بولۇپ، نۇرغۇن بېلەت تاشلاش پونكىتى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەنگەن.

ھەپتە ئاخىرى بولۇشنىڭمۇ تەسىرىدە، نىيۇ يوركنىڭ شەھەر مەركىزىدە ئەتىگەندە باشلانغان زىچلىق كېيىنكى سائەتلەرگىچە داۋاملاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىلورىدا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سايلام مۇتەخەسسىسى ۋە «ئامېرىكا سايلام لايىھەسى» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى پروفېسسور مايكېل ماكدونالد ئالدىنقى باياناتىدا، كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىشتاتلاردا پوچتا ئارقىلىق ياكى ساندۇقتا مۇددەتتىن ئىلگىرى بېلەت تاشلاشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ماكدونالد مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلاش نىسبىتىگە ئاساسەن، سايلامدا 150 مىليون بېلەت تاشلىنىشى مۇمكىنلىكىگە دائىر تەخمىنىنى ئورتاقلاشقان ۋە بۇنىڭ مەملىكەتتىكى سايلىغۇچىلارنىڭ %65 گە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھەمدە بېلەت تاشلاش نىسبىتىنىڭ 1908 - يىلدىن بويانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر