سەئۇدى ئەرەبىستان فىرانسىيەدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان: «مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ئاز سانلىق مىللەت بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىجرائاتلىرىغا، قانۇنلىرىغا ۋە ئورگانلىرىغا تەنقىدىي پىكىردە بولماسلىقلىرى كېرەك» دېدى.

1515461
سەئۇدى ئەرەبىستان فىرانسىيەدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى
Suudi Arabistan.jpg
suudi veliaht prens selman.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ «ئىسلامچى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرى» گە قارشى كۈرىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى (رابىتا) نىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد بىن ئابدۇل كەرىم ئەل ئەيسا ماكروننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا قىلغان سۆزىدىن 10 كۈن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان تېلېۋىزىيە قانىلى MBC بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت پروگراممىسىدا: «مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ئاز سانلىق مىللەت بولغان دۆلەتلەرنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە سۈكۈت قىلىشى ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك» دېدى.

تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان ۋە دىنىي مەسىلىلەردىكى مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد بىن ئابدۇل كەرىم ئەل ئەيسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىجرائاتلىرىغا، قانۇنلىرىغا ۋە ئورگانلىرىغا تەنقىدىي پىكىردە بولماسلىقلىرى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ ئىجرائاتلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى (رابىتا) نىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد بىن ئابدۇل كەرىم ئەل ئەيسا، بۇ دۆلەتلەردە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى قانۇن رامكىلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، سىرتتىن كەلگەن ئىماملارنىڭ ئۆز  كۈلتۈرلىرىنى دىننىڭ بىر قىسمىدەك كۆرىۋالىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن دۆلەتلەردە چوقۇم تەربىيەلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 2 – ئۆكتەبىردە، «ئىسلامچى بۆلگۈنچى پىكىرلەرگە قارشى كۈرەش» نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «جۇمھۇرىيەتنىڭ شېرىكى بولۇشى ئۈچۈن ئىسلام چوقۇم ئىسلاھ قىلىنىشى لازىم» دېگەن ئىدى.

ماكرون فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك پىكىرلىرىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر ئىدىئولوگىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلىرىنى فىرانسىيەنىڭ قانۇنلىرىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر