پومپېيو ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋاشىنگتوندا ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1515124
پومپېيو ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئامېرىكا – ئەزەربەيجان  مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، بايراموۋ پومپېيوغا، ئەرمېنىيەنىڭ ئىجابىيلىقتىن خالىي سىياسىتى، ئەزەربەيجان پۇقرالىرىغا قەستەن ھۇجۇم قىلىشى، چەت ئەللەردىن ياللانما ئەسكەرلەر ۋە تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئاممىۋى ھالدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ سەپلىرىدە ئۇرۇش قىلىشى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئۇ يەنە، ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىگە ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلىرىگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر