ناتو: تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى بىكار قىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ كېلەر ھەپتە شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1515070
ناتو: تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە، ئالدىمىزدىكى ھەپتە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي بايراملىرى تەبرىكلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى بىكار قىلدى. بۇ قاراردىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن.»

تۈركىيەنىڭ ئىجابىي ۋە سوغۇققان پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ستولتېنبېرگ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ، كۆڭۈلسىز ۋەقەلەر ۋە قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم قەدەملەردۇر. بىزمۇ بۇنى چۆرىدىگەن ھالدا، گېرمانىيەنىڭ ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلار، تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بىكار قىلغان بولۇپ، تۈركىيە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە ھەل قىلىش ئېڭىغا ئاساسەن شۇنداق تەكلىپ سۇنغان.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ بىكار قىلىنىشى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېگەن: «خىزمەتداشلىرىمىز بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر