جەرابلۇستا يۈز بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلانغان جەرابلۇستا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 5 كىشى قازا قىلدى.

1515072
جەرابلۇستا يۈز بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گازىئانتەپ ۋىلايىتىنىڭ قارقامىش ناھىيەسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جەرابلۇس رايونىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 15 كىشى يارىلاندى. ھۇجۇمدىن كېيىن، دىزېل نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ئوت كەتتى. ۋەقەدىن كېيىن، «ئاق قالپاقلىقلار» دەپ ئاتالغان خەلق مۇداپىئە ئەترەتلىرى، ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ لازقىيەدىكى «ھامىم ئايرودۇرۇمى» دىن ئېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر