ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى نىيۇ يورك شەھەر باشلىقىنى تەنقىد قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقىر نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دې بىلاسيونىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلىشىنى تەنقىد قىلدى.

1515092
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى نىيۇ يورك شەھەر باشلىقىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دې بىلاسيو، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقىرنىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ساھىبخان شەھەر نىيۇ يورك ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق مەسىلىسىدە كۆرۈشۈش تەلىپىىنى رەت قىلدى.

ۋولقان بوزقىر، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم. چۈنكى <ۋۇخەن ۋىرۇسى> يۇقۇمى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئارا ئۇچۇر - ئالاقە ئورنىتىشنى تەقەززا قىلماقتا. 193 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرى ئارا دىيالوگ ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش زۆرۈر دەپ قارايمەن. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، نىيۇ يورك شەھەر باشلىقىنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىمنى رەت قىلىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.»

نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى مىليونلارچە كىشىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇشىغا قارىماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن نىيۇ يورك شەھىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر – ئالاقىنىڭ كەمچىللىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بوزقىر، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، ئومۇمىي كېڭەشنىڭ باشلىقىنىڭ ۋە بۇ ۋەزىپىنى بىر تۈركنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بۇلارغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىسسارى پېننىي ئابېيۋاردېنا، ۋولقان بوزقىرنىڭ تەنقىدىگە قارىتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دې بىلاسيونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە ۋولقان بوزقىردىن بۇرۇنقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىرى بىلەنمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان 75-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقىرنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدىن ھەيران قالدۇق ۋە ئەپسۇسلاندۇق.»

ئۇ يەنە، نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دې بىلاسيونىڭ يېقىنقى 7 يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە نىيۇ يورك شەھىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر