ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە  ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەدە بىر قىسىم نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلدى.

1514602
ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەدە ھاماسقا ئائىت بىر قىسىم نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغان.

ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ، غەززەدىن ئىسرائىلىيە تېرروتېرىيەسىگە راكېتامىيوت ئېتىلىشىغا  جاۋاب تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ھاماسقا ئائىت بىر تۇنېل بىلەن قورال – ياراغ زاۋۇتى بومباردىمان قىلىنغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى، ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەلقەسسام ئەترەتلىرىگە ئائىت ھەربىي نۇقتىلار ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر