ئەرمېنىيە رۇسىيە بىلەن غەربنى كۈشكۈرتمەكتە

ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى زېمىنلارنى ئازاد قىىلش ئۈچۈن باشلىغان ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرىلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنى كۈشكۈرتۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

1514135
ئەرمېنىيە رۇسىيە بىلەن غەربنى كۈشكۈرتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ئاي (سېنتەبىر) ئاخىرى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاھالىلەر رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىغا، ئەزەربەيجاننىڭ قايتۇرغان جاۋابى قارشىسىدا سىقىشىپ قالغان ئەرمېنىيە دائىرىلىرى، ئاساسسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئالدىنقى سەپتىكى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرى ۋە ئىشغال سىياسەتلىرىنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا ئۇرۇنماقتا.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىغا كىرىدىغانلىقىنى؛ غەرب دۇنياسىغا بولسا، تۈركلەرنىڭ ياۋروپاغا قىستاپ كېلىدىغانلىقىدەك ئاساسسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.

پاشىنيان ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، رايوندىكى توقۇنۇشلاردا «رۇسىيە بىلەن باراۋەر» ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى رايونغا تارتىش ئۈچۈن ئۇچۇرلارنى تارقاتماقتا.

رۇسىيە ئەزا بولغان مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ رايوندا بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئەرمېنىيە، پۇتىندىن «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قاراباغقا كىرمەيدىغانلىقى» ئۇچۇرىنى ئالغان بولۇشىغا قارىماي، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئارقىلىق رۇسىيە ئارمىيەسىنى رايونغا ئەكىرىشكە ھەرىكەت قىلماقتا.

ئەرمېنىيە يەنە بىر تەرەپتىن، «رۇسىيە تىنچلىق كۈچى» نامى ئاستىدا، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى تاغلىق قاراباغقا باشلاپ كېلىشكە ھەرىكەت قىلماقتا.

پاشىنيان رۇسىيە تىنچلىق قىسىملىرىنىڭ رايونغا باشلاپ كېلىشنىڭ ئېھتىماللىق دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يېرىۋان بىلەن موسكۋانىڭ خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ئۆزئارا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.

رۇسىيەنى كۈشكۈرتۈش تىرىشچانلىقلىرىنى تۈركىيە ئۈستىدىن داۋاملاشتۇرغان ئەرمېنىيە دائىرىلىرى، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىزچىل ھالدا رۇسىيەنىڭ سەمىگە سالماقتا.

تاغلىق قاراباغقا ئەزەربەيجانغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنى ئەۋەتكەن ئەرمېنىيە، بىر تەرەپتىن بۇنى مەخپىي تۇتۇشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورىستلارنىڭ رايوندا مۇقىمسىز پەيدا قىلىدىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، رۇسىيەنى ياردەم قىلىشقا چاقىرماقتا.

ئەرمېنىيە تۈركىيە ھەققىدە ئاساسسىز ئۇچۇر تارقىتىپ غەرب دۇنياسىنىمۇ كۈشكۈرتۈشكە ئۇرۇنماقتا.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر