سومالىدا سۇ ئاپەتلىرى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى

سومالىدا يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن 341 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى.

1513904
سومالىدا سۇ ئاپەتلىرى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  سومالىدا، قارا يامغۇر  كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن نەچچە مىڭلىغان كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. جۈملىدىن، يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە، 341 مىڭ 884 كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.

«شابېللې دەرياسى» قىرغىقىدىكى مول دېھقانچىلىق رايونلىرى ئەڭ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېمەك – ئىچمەك ۋە دېھقانچىلىق پىروگراممىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سومالىدا، 2 مىليون 100 مىڭ كىشى يېمەك - ئىچمەك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر