خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگۈچى دۆلەتلەر سېپىگە شىۋېتسىيەمۇ قوشۇلدى

شىۋېتسىيەنىڭ خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارارىغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇردى...

1513980
خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگۈچى دۆلەتلەر سېپىگە شىۋېتسىيەمۇ قوشۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە، نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان 5G ئۇل - ئەسلىھە خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان شىركەتلەرنىڭ خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ ئىشلەپچىقارغان تېخنىكىلارنى ئىشلەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە ۋە ھازىر شىۋېتسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خۇاۋېينىڭ مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويغانىدى.

شىۋېتسىيە پوچتا  - تېلېگراف ئىدارىسىمۇ خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ شىركەتلىرىنىڭ 5G ئۇل - ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ قارارغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى؛ خىتاينىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۈي جوڭيۇ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر