يەمەن ھۆكۈمىتى تۈركىيە قىزىلئاي خادىمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

يەمەن ھۆكۈمىتى ئەدەندە تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ بىر خادىمى يارىلانغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

1513359
يەمەن ھۆكۈمىتى تۈركىيە قىزىلئاي خادىمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن «سابا» (SABA) رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە قىزىلئاي خادىمىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا يازما يايانات ئېلان قىلغان.

يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدەندە تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ۋاكالەتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر خادىمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش ۋە قانۇن بويىچە جازاغا تارتىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەدەندىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان تۈركىيە قىزىلئاي خادىمىغا شىپالىق تىلىگەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كەرەم كىنىك تۈنۈگۈن (2020-يىلى 20-ئۆكتەبىر) تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەندىكى تۈركىيە قىزىلئاي ۋاكالەتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر خادىمنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى يەمەننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، دوختۇرخانىلارغا دورا ۋە تىببىي ئۈزكۈنىلەرنى ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.

ب د ت نىڭ مەلۇماتلىرىدا قەيت قىلنىشىچە، دۇنيادا ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان يەمەندە، نوپۇسنىڭ %80 ى ياردەم ۋە قوغداشقا ئېھتىياجلىق ۋەزىيەتتە تۇرماقتا ئىكەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر