ئامېرىكادا بىر تۈرك قەھرىمان كۈنتەرتىپكە كەلدى

نىيۇ يوركتا تۇرۇشلۇق مۇستاپا توسۇن ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن ماشىنىدىكى 2 كىشىنى سۇغا غەرق بولۇشتىن قۇتۇلدۇرىۋالدى.

1513050
ئامېرىكادا بىر تۈرك قەھرىمان كۈنتەرتىپكە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە پۇقراسى ۋە ئەرزىنجانلىق مۇستاپا توسۇننىڭ نىيۇ يوركنىڭ لوڭگ ئىسلاند رايونىدا سۇ يولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئەر-ئايالنى خەپكە پىسەنت قىلماستىن، قۇتۇلدۇرىۋالغان قەھرىمانلىقى يەرلىك مەتبۇئاتلاردا باش بەتتە خەۋەر قىلىندى.

شوپۇر كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويغان ماشىنا يولدىن چىقىپ، توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتتى ۋە ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتتى. ھادىسىنى كۆرگەن تۈركىيە پۇقراسى مۇستاپا توسۇن ئىككىلەنمەستىن سۇغا سەكرىدى. ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر قانچە كىشىمۇ ئۆستەڭگە سەكرىدى.

مۇستاپا توسۇن ۋە ئۇنىڭ ئارقىدىن سۇغا سەكرىگەن باشقا ياردەمپەرۋەرلەر 78 ياشلىق جوسېف ۋە 76 ياشلىق ئايالى دېلورېس ئابىتابىلنى سۇغا غەرق بولۇشتىن قۇتقۇزۇۋالغان پەيتكە ئائىت بىخەتەرلىك كامېرا كۆرۈنۈشلىرى ئامېرىكا ئاخباراتلىرىدا ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكىدا 30 يىلدىن بېرى ماشىنا رېمونت قىلىش دۇكىنى ئېچىۋاتقان مۇستاپا توسۇن، «مەن ئوڭ- سولۇمغا قارىدىم، ھېچكىشىنىڭ كارى بولمىدى. ھېچ ئىككىلەنمەستىن ھەمراھىمغا تېلېفون ۋە ھەميانىمنى تاپشۇرۇپ سۇغا سەكرىدىم. ئاپتوموبىلدىكى بوۋاي مېنىڭ دادام بولمىغىنى بىلەن چوقۇم باشقىلارنىڭ دادىسى ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشۇم كېرەك ئىدى» دېدى.

جاسارىتى بىلەن ھەممەيلەننىڭ مەدھىيەسىگە ئېرىشكەن مۇستافا توسۇن، «بوۋاي <مەن سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيمەن> دەپ توۋلاۋاتاتتى، ئەتراپتىكى كىشىلەر بولسا، نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى. مەن چىدىيالماي سۇغا سەكرىدىم، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسام، ۋىجدان ئازابىغا قالاتتىم» دېدى.

تۈركىيەنىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق  باش كونسۇلخانىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەسلى تۈركىيەلىك ئامېرىكا پۇقراسى مۇستاپا توسۇننىڭ جاسارىتى ئىنتايىن قىممەتلىك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر