مۇتەخەسسىسلەر ئىنساننىڭ باش سۆڭىكىدە يېڭى شۆلگەي بىزى بايقىدى

مۇتەخەسسىسلەر ئىنساننىڭ  باش سۆڭىكىدە ئىلگىرى زادى نېمە ئىكەنلىكى بىلىنمىگەن بىر ئورگاننى بايقىدى.

1513083
مۇتەخەسسىسلەر ئىنساننىڭ باش سۆڭىكىدە يېڭى شۆلگەي بىزى بايقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ماشىنا بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلارنى تەكشۈرگەن ئالىملارنىڭ، ئىنساننىڭ باش سۆڭىكىدە بۇرۇن بوشلۇقى بىلەن كېكىردەك ئۇچراشقان جايدا بىر جۈپ چوڭ شۆلگەي بىزىنى بايقىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى گوللاندىيە راك كېسەللىكللەر ئىنستىتۇتىنىڭ دوختۇرى ماتتىج ۋالستار، «ھەر قانداق زامانىۋى ئاناتومىيە كىتابىدا شۆلگەي بېزىنىڭ پەقەت ئۈچ خىل تۈرى بار؛ قۇلاق، ئېڭەك ۋە تىل ئاستىدا. ھازىر بىز تۆتىنچىسىنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق» دېدى.

ماتتىج ۋالستار رادىئاتسىيە ئارقىلىق داۋالاشتا بۇزۇلغان شۆلگەي بەزلىرى ئۈچۈن يېڭىدىن بايقالغان شۆلگەي بىزىنىڭ «ئالماشتۇرۇش ئورگىنى» رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر