تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان بىر ياش سومالىدا مىنىستىر بولدى

ئالىي مەكتەپنى تۈركىيەدە پۈتتۈرگەن بىر ياش سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتىدىن ئورۇن ئالدى.

1512191
تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان بىر ياش سومالىدا مىنىستىر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى باش مىنىستىرى مۇھەممەد ھۇسەيىن روبلې، ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتىنى ئېلان قىلدى.

باش مىنىستىر روبلې، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كافېدراسىنى پۈتكۈزگەن ئابدۇلقادىر مۇھەممەد نۇرنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىدى.

كابىنېتنى تەشكىللەش مۇساپىسىدە ئاكادېمىكلارنىڭ، زىيالىيلارنىڭ ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ مەسلىھەتلىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن روبلې، يېڭى كابىنېتىدا ياشلار ۋە ئاياللارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى.

سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتىدا 17 دۆلەت مىنىستىرى، 27 مىنىستىر ۋە 26 نەپەر ئايال مىنىستىر ياردەمچىسى ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر