ناسا ئاي شارىغا  4G تېخنىكىسىنى ئورنىتىدۇ

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) ئاي شارىغا  4G تېخنىكىسىنى ئورنىتىدىغان بولدى.

1512486
ناسا ئاي شارىغا  4G تېخنىكىسىنى ئورنىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA)  ۋە تېخنىكا شىركىتى نوكىيا (Nokia) تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بۇ لايىھە دائىرىسىدە، ئاي شارىدا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ئاي شارى بازىسىنى 2028 - يىلغىچە قۇرۇپ چىقىش ۋە 4G تېخنىكىسىنى پائالىيەتكە ئۆتكۈزۈش نىشان قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.  

«CNN» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA)  ئاي شارى يۈزىدىكى ماشىنىلارنى كونترول قىلىش، يول تېپىش ۋە سۈرەت ئېقىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش شۇنداقلا خەۋەرلىشىشكە ئاجرىتىلغان 370 مىليون دوللارلىق خامچوتىنىڭ 14 مىليون دولللىرىنى نوكىيا (Nokia) نىڭ  «BellLabs» ئىسىملىك ​​شىركىتىگە يوللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاي شارىدىكى سىمسىز تور تېخنىكىسى، ئالاھىدە ئىسسىقلىق ۋە رادىئاتسىيە بىلەن قاپلانغان يەر يۈزى خۇسۇسىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلىنىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر