بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى نان كرىزىسىغا چارە تاپالمايۋاتماقتا

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كونتروللۇقى ئاستىدىكى  رايونلاردا ئاساسلىق تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.يېقىندىن بۇيان ئەۋجىگە چىققان نان كرىزىسىغا چارە تاپالمايۋاتماقتا.

1512472
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى نان كرىزىسىغا چارە تاپالمايۋاتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ بارلىق بايلىقىنى خەلققە ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا خەلقنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرۇشقا چارىسىز قالماقتا.

بۇ رايونلاردا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يېقىلغۇ كرىزىسى، باشقا كرىزىسلارنىمۇ ئاشكىلاپ قويدى.

رايوندا كۆپ كۆرۈلىدىغان نان كرىزىسى يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، رايون خەلقىنىڭ تۈگىمەس ئازابىغا ئايلاندى.

يېقىلغۇ كرىزىسى سەۋەبىدىن، پايتەخت دەمەشىق، ھەلەب، خومس ۋە ھاما قاتارلىق نۇپۇس زىچ شەھەرلەردە بىر قىسىم ناۋايخانىلار مۇزلازىمەتتىن توختاپ قالدى.

يۈز مىڭلىغان پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئەمدىلىكتە كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان ناۋايخانىلارنى ئۇن بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغان ھالغا قالدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى رايونىلىرىدا تۇرۇشلۇق ئائىلىلەر ئۆيىگە نان ئېلىش ئۈچۈن ناۋايخانىلارنىڭ ئالدىدا سائەتلەرگىچە ئۇزۇن ئۆچرەت ساقلاشقا مەجبۇر.

سۈرىيە (2011-يىلى باشلانغان) ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر