ئىتالىيە: تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشقا ئېھتىياج بار

ئىتالىيە باش مىنىستىرى جۇسېپپې كونتې تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.

1510842
ئىتالىيە: تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشقا ئېھتىياج بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مېڭىسى ئۆلدى» دېگەن قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كونتې، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن قايتىشىدا، ئىتالىيەنىڭ گېئو ئىستىراتېگىيەلىك ژۇرنىلى «لىمېس» تەرىپىدىن كېنوۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە باش دىرېكتور لۇكىيو كاراككولونىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەنىڭ رايونىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پەقەت ئاقدېڭىزدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا شەرقتىمۇ، لىۋىيەدىمۇ، سۈرىيەدىمۇ ۋە باشقا كۆپلىگەن جايلاردىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئېنېرگىيە، تەرتىپسىز كۆچمەنلىك، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىمۇ  تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. دەرۋەقە، تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە، دىيالوگ ئورنىتىشقا، ئىجابىي كۈنتەرتىپ شەكىللەندۈرۈشكە ئېھتىياج بار. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش لازىم. قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇش مۇمكىن، ئەمما ئىجابىي كۈنتەرتىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىنىشى كېرەك.»

ئۇ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ، ئالدىنقى يىلى نويابىردا قىلغان «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مېڭىسى ئۆلدى» دېگەن سۆزلىرىگە قوشۇلۇپ قوشۇلمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىمىز بار. مەن <شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مېڭىسى ئۆلدى> دېگەن قاراشقا قوشۇلمايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر