فىرانسىيە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان دائېشچى ئادانادا تۇتۇلدى

فىرانسىيە تەرىپىدىن «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى سۇمەييە رەئىسسى تۈركىيەنىڭ ئادانا ۋىلايىتىدە قولغا چۈشتى.

1510411
فىرانسىيە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان دائېشچى ئادانادا تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادانا ۋىلاىيەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ئەترەتلىرى، فىرانسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى، 30 ياشلىق سۇمەييە رەئىسسىنىڭ شەھەرگە كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، تۇنىس پۇقراسى دائېشچىنى يالغان كىملىك بىلەن سەيھان ناھىيەسىنىڭ نامىق كەمال مەھەللىسىدە قولغا چۈشۈردى.

فىرانسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن «خەتەرلىك» ۋە «تېررورلۇق پائالىيەتچىسى» دەپ رويخەتكە ئېلىنغان رەئىسسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر