ب د ت ئىسرائىلىيەنى پەلەستىندە ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش پىلانىنى توختىتىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى پەلەستىندە 5 مىڭ يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ بەرپا قىلىش پىلانىنى توختىتىشقا چاقىردى.

1510405
ب د ت ئىسرائىلىيەنى پەلەستىندە ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش پىلانىنى توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى نىكولاي ملادېنوۋ، يازما بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى 14-ۋە 15-ئۆكتەبىر ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 5000 ئەتراپىدا يېڭى تۇرالغۇ بەرپا قىلىش پىلانىنى ماقۇللىدى، ئەمما بۇ ئولتۇراق رايونلار خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنسىزدۇر.»

ئولتۇراق رايونلىرىنىڭمۇ تىنچلىقنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ خىل ھەرىكەتلەرىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەل قىلىش چارىسىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ملادېنوۋ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى بارلىق ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر