يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 1 مىليون 96900 دىن ھالقىدى.

1509364
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 1 مىليون 96900 دىن ھالقىدى. يۇقۇملانغۇچىلار سانىدىكى كۆپىيىش ئىككىنچى دولقۇننىڭ خۇسۇسەن ياۋروپادا ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. يۇقۇملانغۇچىلار سانى 38 مىليون 752 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 29 مىليون 129 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن 221843 ئادەم قازا قىلغان، 8 مىليون 150043 ئادەم يۇقۇملانغان ئامېرىكادا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئايالى مېلانىيا ترامپ، ئوغۇللىرى باررون ترامپنىڭمۇ يۇقۇملىنىپ، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى يۇقۇمنىڭ مەركىزى بولغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 137 كىشى كوپىيىپ 43155 كە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 19724 ئادەم كۆپىيىپ 655644 كە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 43 ئادەم قازا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 36289 غا يەتتى. يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 7332 ئادەمدە يۇقۇم بايقىلىپ يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيانقى رېكورت يارىتىلدى، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 372799 غا يەتتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى بىر كۈن ئىچىدە قازا قىلغان 209 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 33413 كە، يېقىدىن يۇقۇم بايقالغان 11970 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 908056 گە يەتتى. ئىسپانىيە ياۋروپادىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغان 104 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 33037 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېڭىدىن 22591 ئادەمنىڭ كۆپىيىشى بىلەن جەمئىي 779063 كە يەتتى

گېرمانىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 9771 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 341742 گە يەتتى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،  گېرمانىيەنىڭ كوۋىد -19 سەۋەبىدىن تەخمىنەن 250 مىليارد ياۋرو قەرز ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مالتادا ھازىرغا قەدەر 44 ئادەم قازا قىلدى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 111 ئادەمگە دىياگنوز قويۇلۇشى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 4048 گە يەتتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن 904 ئادەم قازا قىلغان ئاۋىستىرالىيەدە، باش مىنىستىر سكوت موررىسون يېڭى زېلاندىيەدىن كېيىن ياپونىيە، سىنگاپور ۋە كورېيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى قايتىدىن ئاچقانلىقىنى ئېيتتى. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى  كۆرۈلمىگەن يېڭى زېلاندىيەدىن يولغا چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ، ئەتىدىن باشلاپ مېھمانخانىلارنىڭ كارانتىناسىغا كىرمەيلا دۆلەت  تەۋەلىكىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر