ئىراق باش مىنىستىرى: ئەردوغاندىن تەكلىپ خېتى تاپشۇرۇۋالدىم

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن تەكلىپ خېتى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1509390
ئىراق باش مىنىستىرى: ئەردوغاندىن تەكلىپ خېتى تاپشۇرۇۋالدىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، باش مىنىستىر قازىمى، تۈركىيەنىڭ باغداد ئەلچىسى فاتىھ يىلدىزنى ھۆكۈمەت ساريىدا قوبۇل قىلغان. ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئەلچى يىلدىز، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندىم. ئۇچرىشىشتا، ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەسكەرتتىم، ھەمدە ئىراقنىڭ رايونىمىزدا ۋە رايونىمىز سىرتىدىكى يۆنىلىش سىياسىتىنى رەت قىلىدىغان پوزىتسىيەسىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر