ئامېرىكا  بىلەن فىرانسىيە شەرقىي ئاقدېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «USS Roosevelt» ناملىق  قوغلىغۇچى پاراخوتى بىلەن فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «FS La Fayette» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى شەرقىي ئاقدېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

1509666
ئامېرىكا  بىلەن فىرانسىيە شەرقىي ئاقدېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «Arleigh Burke» تىپلىق «USS Roosevelt» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى بىلەن فرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ  «FS La Fayette» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى، شەرقىي ئاقدېڭىزدا بىرلەشمە ھەرىكەت، مانېۋىر ماھارىتىدىن سىرت يەنە، ئۇچۇر – ئالاقە، تاكتىكىلىق ئورتاق قارار چىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق مەشىقلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە پاراخوتلار سىستېمىلىق ھالدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە بىرلەشمە كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىق ۋە رايونلۇق دېڭىز بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەرەللىك مەشىقلارنى ئېلىپ بارماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر