پومپېيو ئامېرىكا ئاقىللار ئامبارلىرىدىن چەتتىن ئالغان ياردەملىرىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئامېرىكانىڭ ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئىلمىي ئورگانلىرىدىن چەت ئەللەردىن ئالغان مەبلەغلىرىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1508818
پومپېيو ئامېرىكا ئاقىللار ئامبارلىرىدىن چەتتىن ئالغان ياردەملىرىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئامېرىكانىڭ ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئىلمىي ئورگانلىرىدىن چەت ئەللەردىن ئالغان مەبلەغلىرىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەكسىچە بولغاندا، ئۇلارنىڭ مىنىستىرلىق بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مايك پومپېيو بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاقىللار ئامبارلىرىغا زور مىقداردا مەبلەغ ئىئانە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پومپېيو باياناتىدا، مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تاشقى سىياسەت ساھەسىدە نۇرغۇن ئاقىللار ئامبارلىرى ۋە ئىلمىي ئىنستىتۇتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «لېكىن بىز خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئاقىللار ئامبىرى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز» دېدى.

ئاقىللار ئامبارلىرى، ئىستراتېگىيە مەركەزلىرىنىڭ چەتتىن ئالغان مەبلەغلىرىنى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاشكارىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن پومپېيو، ئەكسىچە بولغاندا، مىنىستىرلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئورگانلارنىڭ مىنىستىرلىققا كىرىشىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پومپېيونىڭ يېقىنقى يىللاردا ۋاشىنگتوندىكى سىياسەتچىلەر ۋە ئاقىللار ئامبارلىرىغا نەچچە ئون مىليون دوللار ئىئانە قىلغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننى تىلغا ئالماسلىقى دىققەتنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر