خىتاي ئامېرىكانى "سىياسىي ۋىرۇس" تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىدى

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلىنىشىغا ئامېرىكا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

1508905
خىتاي ئامېرىكانى "سىياسىي ۋىرۇس" تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىچېن ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلىنىشىنى تەنقىد قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

جاۋ لىچىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققان ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىككە قارشى چىققانلىقىنى ئۈچۈن باشقىلارنى ئەيىپلىيەلەيدىغان يەردە ئەمەس» دېدى.

جاۋ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلىنىشىنى تەنقىد قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «خىتاي ئامېرىكانى "سىياسىي ۋىرۇس" تارقىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ» دېدى.

جاۋ ئامېرىكىنى ئىرقچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، «ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىشى كېرەك. يەنى، ئىرقچىلىق ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنى توختىتىڭ. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن باھانە قىلىپ ئىشلىتىشنى تاشلىشى لازىم» دېدى.

پومپېيو كىشىلىك قوقۇقنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  «ئامېرىكا دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلىنىشىنى ئەيىبلەيدۇ» دېگەن ئىدى.

ب د ت نىڭ 47 ئەزاسى بولغان جەنۋەدە تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلانغان 15 يېڭى دۆلەت ئىچىدە، كىشىلىك قوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلىنغان خىتاي ۋە رۇسىيەمۇ ئورۇن ئالغان ئىدى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى بېلەت تاشلاشتا كېڭەشكە سايلانغان باشقا دۆلەتلەر ئىچىدە فرانسىيە، ئەنگىلىيە، پاكىستان، ئۆزبېكىستان، نېپال، سېنېگال، كوتېدىۋويرې، مالاۋى، گابون، ئۇكرائىنا، مېكسىكا، بولىۋىيە ۋە كۇبا مۇ بار.

سايلانغان يېڭى دۆلەتلەر 2021 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ كېڭەشتە 3 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر