بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا ئالاقىدار يېڭى سانلىق مەلۇماتلار؛

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 85 مىڭ كىشىدىن ئاشتى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 38 مىليون 49 مىڭغا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 28 مىليون 608 مىڭغا يەتتى.

1507922
بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا ئالاقىدار يېڭى سانلىق مەلۇماتلار؛

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا 706 كىشىنىڭ يۇقۇمدىن قازا قىلىشى بىلەن كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 109 مىڭ 894 كە يەتتى. يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھىندىستاندا 55 مىڭ 342 كىشى يۇقۇملاندى. شۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 7 مىليون 175 مىڭغا يەتتى.

ئافرىقا قىتئەسى مىقياسىدا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 194 كىشى ئېشىپ، 38 مىڭ 326 گە يەتتى. قىتئە مىقياسىدا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 5961 كىشى ئېشىپ، 1 مىليون 593 مىڭغا يەتتى. جەنۇبىي ئافرىقا 17 مىڭ 863 كىشىنىڭ يۇقۇمدىن قازا قىلىشى بىلەن ھازىرغا قەدەر  كوۋىد -19  سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ كىشى قازا قىلغان ئاقرىقا دۆلىتى بولدى. مىسىردا 6648 كىشى ۋە ماراكەشتە 2636 كىشى ۋىرۇستىن قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر