تالىبان قۇندۇز ۋىلايىتىدە بىر ئۆيگە راكېتامىيوت ئاتتى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىدە راكېتامىيوت ئوقىنىڭ بىر ئۆيگە چۈشۈشى نەتىجىسىدە، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، يەتتە كىشى يارىلاندى.

1507535
تالىبان قۇندۇز ۋىلايىتىدە بىر ئۆيگە راكېتامىيوت ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قۇندۇز ۋىلايىتىنىڭ شۇرابى قىشلاق رايونىدا تالىبان تەرىپىدىن راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى ۋە ئوقىنىڭ بىر ئۆيگە چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ھۇجۇمدا بەش پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، يەتتە پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تالىبان بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر