نىگېرىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 131 گە چىقتى

نىگېرىيەدە قاتتىق ياغقان يامغۇر سەۋەب بولغان سۇ ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 131 گە چىقتى.

1507287
نىگېرىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 131 گە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاگېنتلىقى (SEMA) نىڭ سوكوتو ئىشتاتى دىرېكتورى مۇستافا ئۇمار، ئىشتاتتا توختىماي ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەب بولغان سۇ ئاپىتىدە يېڭىدىن 36 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىگېرىيەدە ئۆتكەن ئاي (2020-يىلى سېنتەبىر) دىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان سۇ ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 131 گە چىقتى.

نىگېرىيە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ سوكوتو ئىشتاتى دىرېكتورى مۇستافا ئۇمار، سۇ ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن 470 كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 302 مىڭ 500 گېكتارلىق دېھقانچىلىق ئېتىزىنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى ۋە 120 تۇياق كالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاگېنتلىقى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىشىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىش خىزمەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر