كىم جوڭئۇن خەلقتىن يىغلاپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن خەلقنىڭ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى.

1507376
كىم جوڭئۇن خەلقتىن يىغلاپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ 75 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، كىم جوڭئۇن كوۋىد-19 يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتتىق داۋالغۇش مەزگىلىدە دۆلەتكە يېتەكچىلىك قىلالماىغانلىقى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ خەلقتىن كەچۈرۈم سورىدى.

«كورېيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، كىم جوڭئۇننىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنى تىلغا ئېلىپ، «پۈتۈن خەلقنىڭ ئىشەنچىسى سايىسىدا، ئۇلۇغ يولداشلىرىمىز كىم ئىلسۇڭ ۋە كىم جوڭئىلنىڭ دەۋاسىغا ئىگە چىقىش مەسئۇلىيىتى ماڭا يۈكلەندى. ئەمما مېنىڭ تىرىشچانلىقىم ۋە سەمىمىيىتىم خەلقىمىزنى ھاياتىدىكى ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرالمىدى. خەلقىمىز ماڭا ئىشەندى. كۆك يۈزىدەك يۈكسەك، دېڭىزدەك چوڭقۇر ئۈمىتلىرىنى ماڭا باغلىدى. ئەمما مەن بۇلارغا يېتەرلىك جاۋاب قايتۇرالمىدىم، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كىم جوڭئۇن سۆزىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى شىمالىي كورېيە خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئايرىدى، «چوڭ قىيىنچىلىق»، «نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق» ۋە «مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاپەت» دېگەنلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر