ئافغانىستاندىكى بومبا ھۇجۇمىدا 13 كىشى قازا قىلدى
ئافغانىستاننىڭ سارى-پۇل ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 پۇقرانى قوشقاندا، جەمئىي 13 كىشى قازا قىلدى.
1506817
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سار-پۇل ساقچى ئىدارىسى مەسئۇلى سۇزما قالە ناھىيەدە يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ ئەسكەرلەرنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنا ئەترىتى ئۆتۈۋاتقان پەيتتە پارتىلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساقچى ئىدارىسى مەسئۇلى ھۇجۇمدا 10 ئەسكەر ۋە 3 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەمدە 3 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۈستىگە ئالمىدى.
دائىرىلەر بۇ ھۇجۇمنىڭ تالىبان تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.