تايلاندتا پويىز بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇشۇپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى

پايتەخت بانكوكقا تەخمىنەن 80 كىلومىتىر ئۇزاقلىقتىكى چاچېڭساۋ رايونىدا بىر پويىز بىلەن ئىچىدە 65 يولۇچى ئولتۇرغان ساياھەت ئاپتوبۇسى سوقۇشۇپ كەتكەن.

1506749
تايلاندتا پويىز بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇشۇپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايون ۋالىيسى پراتۇئېڭ يۇكاسسام تايلاندتىكى PBS تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، «يامغۇر يېغىۋاتاتتى. بەلكىم شوپۇر پويىزنى كۆرمەي قالدى» دېدى.

رايون ۋالىيسى پراتۇئېڭ يۇكاسسام ۋەقەدە كەم دېگەندە 17 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 30 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاپتوبۇستا چاچوڭساۋدىكى بۇددىست ئىبادەتخانىسىغا بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر