سۈرىيە ھاكىمىيىتى قىسىملىرى ئىدلىبتا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبتىكى يىرىكچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا قىلغان راكېتا ۋە مىناميوت ھۇجۇمىدا بىر ئايال قازا قىلىپ، 3 كىشى يارىلاندى.

1506710
سۈرىيە ھاكىمىيىتى قىسىملىرى ئىدلىبتا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبقا قاراشلىق كەفرەنبىل ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىران قوللاۋاتقان چەتئەللىك تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىدىن تەركىب تاپقان سۈرىيە ھاكىمىيەت قىسىملىرى  تۈركىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 5 - مارتتا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىدلىبنىڭ جەبەل زاۋىيە رايونىدىكى ئەلبارا، بەليۇن، كەنسافرا يېزىلىرىغا نۇرغۇن ساندا راكېتامىيوت ۋە مىناميوت بىلەن ھۇجۇمى قىلدى.

ئىدلىب خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتى (ئاق قالپاقلىقلار) دىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئەل-بارا يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمدا 65 ياشلىق بىر ئايال قازا قىلىپ، 3 پۇقرا يارىلانغان.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە 5 - مارتتا موسكۋادا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

سۈرىيە ھاكىمىيەت كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە پات پات خىلاپلىق قىلىۋاتقان بولىشىغا قارىماي، بۇ كېلىشىم ئاساسەن دېگۈدەك ساقلىنىپ  كەلمەكتە.

 2017 – يىلىدىن 2020 – يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە تەخمىنەن 2 مىليونغا يېقىن پۇقرا سۈرىيە ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر