كىم جوڭئۇن: يۇقۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى «سوتسىيالىزم»

شىمالىي كورېيە تۇنجى قېتىم يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى كۆرسەتتى.

1506808
كىم جوڭئۇن: يۇقۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى «سوتسىيالىزم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنۈگۈن پايتەخت پيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتا يېڭى قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.

ئارىلىرىدا ھازىرغا قادەر كۆرۈلمىگەن « Pukguksong 4-A» ناملىق غايەت زور باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد -19) يۇقۇمى ئۈستىدە توختالدى ۋە دۆلىتىدە كوۋىد -19 دېلوسى يوقلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كىم جوڭئۇن دۇنيادىكى كوۋىد- 19 بېمارلىرىغا بولغان قايغۇ-ھەسرىتىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيەنىڭ دۇنيادا كوۋىد -19 ۋىرۇسى بىلەن بىرگە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەبىئىي ئاپەتلەرگىمۇ قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، پۇقرالىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

كىم جوڭئۇن يۇقۇمنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى كورېيە خەلقىنىڭ قول تۇتۇشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يۇقۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ «سوتسىيالىزم» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر