پۇتىن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلدى.

1506067
پۇتىن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ئايرىم - ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى، جەسەت ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانىي سەۋەبلەر تۈپەيلى تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت پۇتىن، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە بۇ مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، 9 – ئۆكتەبىر (بۈگۈن) موسكۋاغا تەكلىپ قىلدى.»

بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان  سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

زاۋاروۋا، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، مىنىستىر دەرىجىلىك ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باكۇ بىلەن ئېرىۋان موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. بۇ ھەقتە تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر