ئامېرىكادا ئافرىقىلىق جورج فلويىدنى ئۆلتۈرگەن ساقچى قويۇپ بېرىلدى

ئامېرىكادا ئافرىقىلىق جورج فلويىدنى نازارەتكە ئېلىش ئەسناسىدا بوينىنى تىزى بىلەن بېسىپ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ساقچى دېرېك چاۋىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلدى.

1505238
ئامېرىكادا ئافرىقىلىق جورج فلويىدنى ئۆلتۈرگەن ساقچى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىننېسوتا ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جورج فلويىدنى نازارەتكە ئېلىش ئەسناسىدا بوينىنى 8 مىنۇتقىچە تىزى بىلەن بېسىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ساقچى چاۋۋىننىڭ (44 ياش) كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

چاۋۋىن ماي ئېيىدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان دۇب باغچىسى ئېگىزلىكىدىكى تۈرمىدىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن 1 مىليون دوللارلىق كېپىللىك بەدىلىگە «Allegheny Casualty Company» ناملىق شىركەتنىڭ كاپالەت بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

فلويىدنىڭ ئۆلۈمىدە خاتالىقى ئېنىقلانغان 4 ساقچىدىن ئۈچى ئىلگىرىكى سوتتا 750 مىڭ دوللارلىق كاپالەت بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

دېرېك چاۋىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، فلويىد سوتىدا سوتلانغان ساقچىلارنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەن بولدى.

ئىككىنچى دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن چاۋىن ۋە باشقا 3 ساقچى مەمۇرىنىڭ 2021 - يىلى مارتتا قايتا سوتلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر