پېتېر سىجارتو: بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيەنىڭ ئالقىنىدا

ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىجارتو ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئالقىنىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا غەربىي ياۋروپا سىياسىئونلىرىنىڭ تۈركىيەنى ئازراق تەنقىد قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1505524
پېتېر سىجارتو: بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيەنىڭ ئالقىنىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى براتىسلاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «براتىسلاۋا يەرشارى بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتناشقان مىنىستىر سىجارتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر سىجارتو ئۇچرىشىشقا دائىر فېيسبۇكتىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ كونا دوستۇم ۋە مەنسەپدىشىمدۇر. بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيەنىڭ ئالقىنىدا. شۇڭا غەربىي ياۋروپادىكى دوستلىرىم تۈركىيەنى ئازراق تەنقىد قىلسا، تېخىمۇ ياخشى بولاتتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر