تۇنىستا F-5 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۇنىسنىڭ جەنۇبىدىكى تاتاۋىن رايونىدا F-5 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئۇچقۇچى قازا قىلدى.

1504525
تۇنىستا F-5 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، تۇنىس ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە F-5 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلاننىڭ تاتاۋىن ۋىلايىتىدىكى قۇملۇق رايونغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي ئايروپىلاننىڭ تۇنىسنىڭ جەنۇبىدىكى تاتاۋىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق رەمادا رايونىغا يېقىن جايدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇچقۇچى قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 تۇنىس ھەربىي تېخنىكا كومىتېتىنىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە بەلگىلەنگەنلىكى ھەمبەھىرلىشىلدى.

باياناتتا ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق تەپسىلات بېرىلمىدى

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر